مۇلاھىزىلەردە ئامېرىكا- خىتاي ئارىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

خەلقئارا ئاخباراتلاردىكى مۇلاھىزىلەردە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئىلگىرىلەش بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ يەنە ھەل قىلىنمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-01-22
Share

رويتېرستا بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر پارچە ئانالىزدا شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئېلىپ چىقىش بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتتىكى ئەڭ چوڭ نەتىجە ھېسابلىنىدىكەن.

.

ھالبۇكى، سۆھبەتتە سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، خىتاينىڭ پۇل سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىقلاردىكى ئىختىلاپلار ئاساسەن ھەل بولمىغان.

.

بۇ نۆۋەتلىك دىئالوگدا ئاساسلىقى ھەمكارلىق، ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش قاتارلىقلار مۇھىم تېما سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىنغان.

.

ئوباما ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلەتمەسلىك بىلەن ئەيىبلىنىشكە ئۇچراپ كەلمەكتە ئىدى.

.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت