ئامېرىكا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى 'تيەنئەنمېن ۋەقەسى'دە قولغا ئېلىنغان سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى "تيەنئەنمېن ۋەقەسى"نىڭ 21 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى 1989‏ - يىلدىكى ۋەقەدە ۋە ۋەقەدىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان سىياسىي ئاكتىپلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.06.04
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

باياناتتا "بىز خەلقئارا جەمئىيەتتىكى باشقىلار بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇپ، خىتاينى ئەينى چاغدىكى ۋەقەدە ۋە ۋەقەدىن كېيىن نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ھازىرغا قەدەر تۈرمىدە يېتىۋاتقان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز" دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈي بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى باستۇرغانلىقىنى ئاقلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ۋەقەگە باھا بېرىپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى فىلىپ كروۋلىي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا "بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن، قولغا ئېلىنغان، ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرگە ئائىت مەلۇمات بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرىپ، نامايىشقا قاتناشقانلار ھەم ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا پاراكەندىچىلىك سېلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز" دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1989 ‏- يىلى 6 ‏- ئاينىڭ 4‏ - كۈنى ھەربىي قىسىملىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، تانكا ۋە برونېۋىكلار بىلەن تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرغان بولۇپ، ۋەقەدە ئۆلگەن ئادەمنىڭ سانى ھازىرغا قەدەر سىر بولۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.