ئامېرىكا ئافغانىستانغا يەنە 30 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىشنى پىلانلىماقتا

ئامېرىكا قوراللىق قىسىملىرى باش شتابىنىڭ رەئىسى گېنېرال مايك مۇلەن شەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا كېلەر ياز ئايلىرىغىچە، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سانى 60 مىڭ كىشىگە يېتىشى مۇمكىن، دېدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺕ
2008.12.20

گېنېرال مايك مۇلەن ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل شەھىرى يېنىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئافغانىستانغا 20 بىلەن 30 مىڭ ئەتراپىدا قوشۇمچە ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، بىلدۈردى.

لېكىن ئۇ باياناتىدا، ئافغانىستاندا تىنچلىقنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنىڭ يېتەرلىك بولالمايدىغانلىقىنى، ئافغانىستاندا تىنچلىق ۋە تۇراقلىقنى ئورنىتىش ئۈچۈن، بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

نۆۋەتتە ئافغانىستاندا 31 مىڭ ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، تالىبان قالدۇقلىرىنىڭ ئافغان مىللىي ئارمىيىسى ۋە ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۈنسېرى كۈچەيتىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئافغانىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرىنى كۆپەيتىشكە مەجبۇرلىغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2008‏- يىلى ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى ئۈچۈن ئەڭ قانلىق يىل ھېسابلىنىدىكەن. ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى 2001‏- يىلىدىن يەنى ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ھاكىمىيىتى گۇمران بولغاندىن بۇيان مۇشۇ يىل ئىچىدە ئەڭ كۆپ قۇربان بەرگەن.

تالىبان قالدۇقلىرى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار، پارتىلتىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرىنى نۇرغۇن زىيانغا ئۇچراتقان ھەمدە يېزا قىشلاقلاردىكى ھەرىكەتلىرىنى كېڭەيتىپ، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل شەھىرىگە تەھدىت قىلىشقا باشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.