ئامېرىكا ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى چوڭ يىغىن چاقىرىپ، ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. بۇ يىغىن ئالدى بىلەن بۇ يىل نويابىردا ئىستانبۇلدا، دېكابىردا گېرمانىيىنىڭ بون شەھىرىدە ئېچىلىدىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-10-01
Share

يىغىندا كونكرېتىنى قانداق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

ھالبۇكى، ئامېرىكىنىڭ پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئەلچىسى مارك گروسسمان جۈمە كۈنى مەزكۇر يىغىننىڭ ئالدىدا ئاسىيادىكى بىر نەچچە دۆلەتكە قارىتىلغان زىيارىتىنى باشلىدى.

ئامېرىكا تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، گروسسمان ئالدى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، تۈركىيە، تاجىكىستان، قىرغىزىستان قازاقىستان خىتاي، تۈركمەنىستان ئۆزبېكىستان ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ھۆكۈمەت زىيارىتىدە بولىدىكەن. ئۇ يەنە، كابۇل ۋە ئىسلامئاباد قاتارلىق شەھەرلەردە كېڭىشىش ئېلىپ بارىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت