ئامېرىكا ئاقساراينىڭ شىتاب باشلىقلىقىغا ئاسىيا قان تىپىدىكى بىر خادىم تەيىنلەنگەن
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010.10.02
2010.10.02
فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، پېتىر روئۇسې جۈمە كۈنى ئاق ساراينىڭ شتاب باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن. پېتىر روئۇسېنىڭ ئانىسى ياپونىيىلىك بولۇپ، ئۇ، ئامېرىكىدا چوڭ بولغان.
ئاق ساراينىڭ شتاب باشلىقى ئادەتتە ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى پرېزىدېنتتىن قالسا ئەڭ ھوقۇقدار كىشى ھېسابلىنىدۇ.
شتاب باشلىقى ئادەتتە ئاقسارايدا ئىشلەيدىغان بارلىق خادىملارنى تاللاش، ئۇلارنى باشقۇرۇش، پرېزىدېنتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، مەسلىھەت بېرىش، ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى مايك ھوندا ئەپەندى پېتىر روئۇسېنىڭ ئاق سارايغا تەيىنلىنىشى "تارىختىن بۇيان پۈتۈنلەي ئاق تەنلىكلەر ئىشلەپ كەلگەن ئاقسارايغا تېخىمۇ مول تۈس قوشىدۇ،" دېگەن.
پېتىر روئۇسېنىڭ ئانىسى مارى مىكامى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ياپونىيىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، پېتىر روئۇسې ئىلگىرى ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى بولغان ۋە ۋاشىنگتوندا 30 يىلدەك خىزمەت قىلغان ئىكەن.