ئامېرىكا بازارنى قۇتقۇزۇش پىلانى ھەققىدىكى تالاش - تارتىشتا دەسلەپكى قەدەمدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل بولدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان 700 مىليارد دوللار ئاجرىتىپ، ئامېرىكىنىڭ قىيىن ئەھۋالغا قالغان ئىقتىسادى ۋە بازىرىنى قۇتۇلدۇرۇش لايىھىسى توغرىسىدىكى تالاش - تارتىشتا دەسلەپكى قەدەمدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل بولغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.09.28

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ باشلىقى نەنسىي پېلوسى ھۆكۈمەت بىلەن مەجلىس ئارىسىدىكى سۆھبەت نەتىجىسىدە زور ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاق ساراي باياناتچىسى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سۆھبەتتە خۇشاللىنارلىق نەتىجە ھاسىل قىلغانلىقى، جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پۇل - مۇئامىلە سىستېمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە رازى بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەگەردە مەزكۇر لايىھە تەستىقلانسا، ئامېرىكىنىڭ پۇل - مۇئامىلە سىستېمىسىدا ياخشىلىنىش بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.