ئامېرىكا بېرمىدىكى دىنىي ئۆچمەنلىك ۋەقەلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

بېرمىدا مۇسۇلمان ئاممىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر قىسىم كىشىلەر ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ دىنىي ئۆچمەنلىك ۋەقەلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-06-09
Share


مەلۇم بولۇشىچە ئاپتوبۇستىكى مۇسۇلمانلارنى باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دەپ خاتا تونۇپ قالغان بىر توپ بۇددا راھىبلىرى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى بۇ مۇسۇلمانلار ئولتۇرغان ئاپتوبۇسقا ھۇجۇم قىلغان ۋە بۇلارنى ئاپتوبۇستىن تارتىپ چىقىرىپ توپلىشىپ ئۇرغان. ۋەقەدە 10 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، شۇندىن كېيىن بېرما ۋەزىيىتى بىر قەدەر جىددىيلەشكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋېكتورىيا نۇلاند جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: بىز 10 نەپەر مۇسۇلمان تاۋاپچىلارنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ تولىمۇ ئەندىشە قىلدۇق ھەمدە بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئېچىندۇق.

ئۇ يەنە ھۆكۈمەت ۋە ئاز سانلىق مىللەت دائىرىلىرىنى تىنچلىق ئورنىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى تەرەپنى ھەقىقىي سۈلھى تۈزۈشكە چاقىردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بېرمىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى ئومۇمىي دۆلەت نوپۇسىنىڭ 4 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان مۇسۇلمانلار توپى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت