ئامېرىكا بومبا - قالقان سىستېمىسىنى سىناق قىلىپ، ھاۋاي ئارىلىدا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ قالدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا سەيشەنبە كۈنى، بومبا قالقان سىستېمىسىنى سىناق قىلىپ، ھاۋاي ئارىلىدا بىر قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ قالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.03.19

پەنتاگان باياناتچىسىنىڭ تۈنۈگۈن فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، سىناقتا توسۇپ قېلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى 1000 كىلومېتىر مۇساپىلىك بولغان.

ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى بومبا قالقان سىنىقى، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرى سىناقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ۋە 4 ‏ - ۋە 8 ‏ - ئاپرىل ئارىسىدا راكېتا قويۇپ بېرىشنى پىلانلىرى ئېلان قىلىنغان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى. ئامېرىكىنىڭ بومبا قالقان سىستېمىسى، ئىقتىسادىي چىقىمىنىڭ زورلۇقى ۋە بۇ سىستېمىغا ئېھتىياج تۇغۇلۇشىنىڭمۇ ئېنىقسىزلىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم پالاتا ئەزالىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى شىمالى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى گېنېرال Victor Gene Renuart سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە كۈچى ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ شىمالى كورىيىدىن كېلىدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى توسۇپ قېلىش قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا شىمالىي كورىيىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ناھايىتى كىچىك بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.