ئامېرىكا دالاي لامانىڭ ئارۇناچالنى زىيارەت قىلىشىنى قوللىدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھازىر دالاي لامانىڭ ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال شىتاتىنى زىيارەت قىلىشغا قاتتىق قارشى تۇرۇۋاتقاندا، ئامېرىكا دالاي لامانىڭ ئارۇناچالنى زىيارەت قىلىشىنى قوللىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.11.07

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى مارىيا ئوتېرو بۈگۈن 'دالاي لاما بىر دىنى داھى، ئۇنىڭ ئارۇناچالدىكى بۇتخانىنى زىيارەت قىلىشى ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلغانلىقى' دەپ جاكارلىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى يېتىپ كېلىدىغان دالالامانى داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرىۋاتقان ئارۇناچال شىتاتىنىڭ تاۋاڭ شەھەرچىسىدىكى مەشھۇر بۇتخانىنىڭ باش راھىپى تۇلكۇ رىنپوچى بۈگۈن 'دالاي لاما بىزنىڭ قەلبىمىزدە' دەپ جاكارلىدى. خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىكى باياناتچىسى ماجاۋشۈ بولسا 'دالاي لامانىڭ جەنۇبىي تېبەتنى زىيارەت قىلىشى ئۇنىڭ جوڭگوغا قارشى بۆلگۈنچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلايدۇ' دەپ جاكارلىدى.

خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇن، دالاي لاما ئۆزىنىڭ مۇھاجىرەت سەپىرىدە، 14‏ - ئەۋلاد دالاي لاما ئالەمگە كەلگەن ئارۇناچالدىكى بۇ بۇتخانىنى زىيارەت قىلىپ ئۆتكەن ئىدى. 1962 ‏ - يىلى بۇ رايوندا خىتاي -ھىنىدىستان چېگرا ئۇرۇشى يۈز بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى دۆلەت 13 قېتىم چېگرا سۆھبىتى ئۆتكۈزدى، ئەمما ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل بولمىدى. ھېمالايا ئېتەكلىرىدىكى بۇ گۈزەل رايون ھازىر يەنىلا، خىتاي بىلەن ھىنىدستاندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ يادرو دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تالاش -تارتىشتا تۇرۇۋاتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.