ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى فالۇنگوڭچىلار مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ھەققىدە قارار ماقۇللىدى
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە، تەھدىتىگە، تۈرمە جازاسىغا ئۇچرىغان ۋە قېيىن - قىستاقتا ئۆلتۈرۈلگەن فالۇنگوڭچىلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. شۇنداقلا، 1990 - يىللاردىن بۇيان بۇددىزم، تويىزىم ۋە كوڭفۇزىچىلىق پەلسەپىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن فالۇنگوڭچە نەپەس مەشقى قىلىشقا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتىنى دەرھال توختىتىش لازىملىقىنى كۆرسەتتى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئېلىنا لېتىنېن سۆزىدە، خىتاينىڭ فالۇنگوڭچىلارنىڭ بەدەن ئەزالىرىنى كېسىۋېلىشتا 'مول ھوسۇل ئالغانلىقىنى ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى 'يىگىرمە بىرىنچى ئەسىردىكى ياۋايىلىق'، دەپ تەسۋىرلىدى، خىتاي رەھبەرلىرىنى بولسا 'بېيجىڭ قاسساپلىرى' دەپ تەسۋىرلىدى.