ياپونىيە، ئامېرىكا-فىلىپپىن ھەربىي مانېۋىرغا ئىشتىراك قىلىشى مۇمكىن

ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ياپونىيە مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ كېلەر ئاي جەنۇبىي دېڭىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا-فىلىپپىن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-03-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەگەر بۇ ئەمەلىيلەشكەن تەقدىردە، بۇ ياپونىيە قىسىملىرىنىڭ ئامېرىكا-فىلىپپىن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى بولۇپ قالىدىكەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن 4-ئاينىڭ 16-كۈنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى پالاۋان ئاراللىرىدا 12 كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ قېتىم ياپونىيىدىن باشقا يەنە، ھىندونېزىيە ۋە مالايشىيانىمۇ مانېۋىرغا ئىشتىراك قىلىشقا تەكلىپ قىلغان.

ياپونىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ن خ ك قانىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن گەرچە ھەر يىلى ئوخشاش مەزگىلدە بۇنداق مانېۋىر ئۆتكۈزسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىملىق مانېۋىرنىڭ مەخسۇس ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش مەشىقىگە قارىتىلغانلىقى ۋە كۆپ دۆلەتلەرنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى، بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىملىق مانېۋىرنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى قىلىۋاتقان خىتايغا قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت