ئامېرىكا Google مەسىلىسىدە خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز - شىكايەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىنتېرنېت ئىزدەش ماتورى‏ - Google تورىغا تەكشۈرۈش تۈزۈمى يۈرگۈزگەنلىك ۋەقەسىنى ئادالەتسىز سودا قورغىنى پەيدا قىلغانلىقتۇر، دەپ قاراپ، خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.03.05

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سودا ئىشخانىسىنىڭ نۆۋەتتە Google غا مۇناسىۋەتلىك ئىككى تەشكىلات تەمىنلىگەن ئەرزى - شىكايەتكە دائىر قانۇنى ئاساسلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەزكۇر ئەرز -شىكايەتكە دائىر يېقىنقى خەۋەرلەردە ئامېرىكىدىكى "كومپيۇتېر ۋە ئالاقە سانائەت بىرلەشمىسى" شۇنداقلا "تۇنجى ئاساسى قانۇن لاھىيەسى" ناملىق ئىككى ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بۇ جەھەتتىكى پاكىت ۋە قانۇنى ئاساسلارنى سۇنغانلىقى، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرز - قىلىش ياكى قىلماسلىقنى تېخى قارار قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنەتكە قويغان ئۇچۇر چەكلىمىسى ئامېرىكا ئىنتېرنېت شىركەتلىرىگە ۋە ئىنتېرنېت سودىسىغا قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىكتۇر.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئۇچۇر -سانائەت مىنىستىرى لى يىجوڭ، خىتاينىڭ Google شىركىتى بىلەن ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. Google شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر مەسئۇلى يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋالىق بەرگەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن Google ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ھەل قىلىش تەكلىپى ئويلۇشۇپ كۆرۈشكە بولىدىغان تەكلىپ، دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.