ئامېرىكا ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2011.10.24
ئۇ بۇ يەردە مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن، ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن، بۇنى ئامېرىكا ئۈچۈن، ئاسىيا-تېنچ ئوكيان رايوندىكى مەنپەئەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ پۇرسىتى ئەمدى يېتىپ كەلدى دەپ چۈشەندۈرگەن.
پانېتتا سۆزىدە خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىدىكى خۇپىيانىلىق ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ئەندىشىسىنى بايان قىلغان؛ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە شىمالىي كورىيىنىڭ كۈشكۈرتكۈچ ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلغان.
مىنىستىر پانېتتا ئۆتكەن ئايدىكى بىر سۆزىدىمۇ، ئاسىيادىكى ھەربىي كۈچنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ رايوندىكى ئامېرىكا مەنپەئەتلىرىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكى ئاشكارا بايان قىلغان ئىدى.
مىنىستىر پانېتتانىڭ ئاسىيا زىيارىتى 21-ئۆكتەبىر كۈنى ھىندونېزىيىدە باشلانغان. زىيارەتنىڭ ئاخىرقى بېكىتى جەنۇبى كورىيە. كۆزەتكۈچىلەر بۇ زىيارەتنى ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرىش ۋە خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن بېرىلىۋاتقان بىر سىگنال دەپ قاراشماقتا.