ئوباما ھۆكۈمىتى ئىندىئانلار ئۈچۈن 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بېرىشكە تەييارلىق كۆرمەكتە
ئامېرىكىنىڭ ئەسلىدىكى يەرلىك ئاھالىلىرى بولغان ئىندىئانلار، 19 - ئەسىردە يولغا قويۇلغان ئۇلارنى پارچىلاپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن خاتا سىياسەتلەر ئۈستىدىن توختىماي، قانۇنىي يول بىلەن ئەرز قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى ھازىر ئىندىئانلار ئۈچۈن 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بەرمەكچى بولغان. بۇ پۇل، ئاساسەن قانۇن بويىچە ئەرز قىلغان ئەرزدارلارغا بېرىلىدىغان تۆلەم، يەنە بىر قىسىمى ئىندىئانلارنىڭ يەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ياردەم ئىكەن.