پۇل - مۇئامىلە ساھەسىدىكى كرىزىسنى قۇتقۇزۇش پىلانى رەت قىلىندى

ئامېرىكا پۇل - مۇئامىلە ساھەسىدىكى كرىزىسقا قارشى تونۇشتۇرۇلغان قۇتقۇزۇش پىلانى 205 كە قارشى 228 ئاۋاز بىلەن رەت قىلىندى. بۇش ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى بىرلىكتە تونۇشتۇرغان 700 مىليارد دوللارلىق قۇتقۇزۇش پىلانى بۇ ھەپتە ئاخىرى بېكىتىلىپ، بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بۇ ھەقتە قانۇن چىقىرىش ئۈچۈن ئاۋازغا قويۇلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.09.29

قانۇن چىقىرىشنىڭ نەتىجىسىز ئاياقلىشىشى بىلەن تەڭ، "ۋال - سترېت " پايچىك بازىرىدا زور تۆۋەنلەش كۆرۈنگەن ھەمدە بۇ خىل تۆۋەنلەش دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى پايچىك بازارلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پىلاننى 60 پىرسەنت دېموكراتلار قوللاپ بېلەت تاشلىغان بولسا، ئۈچتىن ئىككى قىسىم جۇمھۇرىيەتچىلەر بۇنىڭغا قارشى ئاۋاز بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن قانۇن چىقىرىش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان.

ئامېرىكا كابېل خەۋەرلەر تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، پرېزىدېنت بۇشنىڭ باياناتچىسى تونني فراتتو، مەزكۇر قۇتقۇزۇش پىلانىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقا پرېزىدېنت بۇش، ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، نۆۋەتتە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ھېنري پائۇلسون، پرېزىدېنت بۇش بىلەن بىرلىكتە ئىككىنچى قەدەمنى قانداق ئېلىشى ھەققىدە سۆھبەتلىشىدىكەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.