ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېلەر ھەپتىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن جانلاندۇرۇش پىلانىغا قارار بېرىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېلەر ھەپتىدە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارىلىۋاتقان 825 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىپ، قارارغا قويىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-01-25
Share

بۇ پىلاننى دېموكراتلار پارتىيىسىدىكىلەر ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ باشقا بىر پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 825 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي جانلاندۇرۇش پىلانى ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە، ساقلىقنى ساقلاش، قاتناش ۋە باشقا ساھەلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 250 مىليارد دوللار باجنى قىسقارتىش لايىھىسىمۇ بار ئىكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پرېزىدېنت ئوباما دۆلەت مەجلىسىدە ئىككى پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، مەزكۇر غايەت زور پىلاننى مۇزاكىرە قىلىشنىڭ بۇ ئىككى پارتىيە ئۈچۈن ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

نۆۋەتتە، ئوبامانىڭ مەزكۇر ئىقتىسادىي جانلاندۇرۇش پىلانىغا نىسبەتەن ئوخشىمىغان قاراشلار بار بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكىلەر ئاجرىتىلىدىغان پۇلنىڭ بەك جىقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. ئىقتىسادىي جانلاندۇرۇش ۋە باجنى قىسقارتىش مەسىلىسىدە جۇمھۇرىيەتچىلەردىن كېلىپ چىققان ئەزالار بىلەن دېموكراتلاردىن كېلىپ چىققان ئەزالار ئارىسىدا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت، پارلامېنت باشلىقى نەنسىي پېلوسى " بىز جۇمھۇرىيەتچى پارتىيىدىكىلەر بىلەنمۇ ھەمكارلىشىشىنى قوللايمىز، بىراق، ئامېرىكا خەلقى ھازىر ياردەمگە مۇھتاج، ئۇلار بىزنىڭ دەرھال چارە قوللىنىپ، ھەر بىر ئائىلە بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ تەسىرىنى يەڭگىللىتىشىمىزنى كۈتۈۋاتىدۇ" دەپ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنى مەزكۇر پىلاننى قوللاشقا دەۋەت قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىكى 256 ئورۇننى دېموكراتلار، 178 ئورۇننى جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىگىلىگەن، شۇڭا مەزكۇر پىلاننىڭ ئاۋام پالاتادىن تېز ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىنلىكى، ئەمما كېڭەش پالاتاسىدا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قوللىشىنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكى ئېيتىلماقتا.

پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆپ تەكىتلىگەن بولۇپ، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش بىلەن تەڭ بۇ ئىشقا كىرىشكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت