خىتاي، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىغان ھەربىي مانېۋىرغا نارازىلىق بىلدۈردى

جەنۇبىي كورىيە ئاخباراتى يېقىندا ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە بىرلىشىپ سېرىق دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. گەرچە، بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ سىگنالى شىمالىي كورىيىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكى ئېنىق بولسىمۇ، خەلقئارا جامائەت ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئىنكاسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-06-22
Share

چۈنكى ئامېرىكا رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھازىرغىچە ئۆتكۈزگەن مانېۋىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كورىيە ئارىلىنىڭ شەرقىدە ياپون دېڭىزىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن. بۇ قېتىمقىسى بولسا كورىيە ئارىلى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سېرىق دېڭىزدا ئۆتكۈزۈلمەكچى.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مەزكۇر مانېۋىر ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرىدىغان ھەر قانداق بىر ھەرىكەتكە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر خەۋەرلەردىكى يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىلىرىنىڭ مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلۇش ياكى قاتناشتۇرۇلماسلىقىدۇر. جەنۇبىي كورىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىلىرىنىڭ مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقى بايان قىلىنماقتا. ئەمما، ئامېرىكا تەرەپ ھازىرچە بۇ ھەقتە ئىپادىسىز تۇرماقتا.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەسلىدە مانېۋىر 6 ‏- ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 9 ‏- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان، ئارقىدىن مانېۋىر 3 ھەپتە كېچىكتۈرۈلگەن. شۇنداق بولغاندا بۇ مانېۋىر ‏مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 7 ‏- ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت