ئامېرىكا خىتاينى ليۇ شاۋبونىڭ ئايالىنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغماسلىققا چاقىردى

ئامېرىكا دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى، خىتاي دائىرىلىرىنى خەلقئارا قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىپ، بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبىنىڭ ئايالىنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغماسلىققا چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-10-12
Share

بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى خىتاي يازغۇچى ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەندىن كېيىن، ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شا ئۆزىنىڭ نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى رىچارد بۇئانگان، ليۇ شانىڭ نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىدىن بىئارام بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: "بىز ليۇ شانىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىمىز. ئۇنىڭ ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىنىشى، ئۇنىڭ ئەركىن يۈرۈش ھوقۇقلىرىغا دەخلى يەتكۈزۈلمەسلىكى ۋە ئۇ پاراكەندە قىلىنماسلىقى كېرەك".

بۇئانگان يەنە مۇنداق دېدى: " بىز خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەققىدە خەلقئاراغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خىتايدىكى بارلىق پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز."

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ خىتايغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي باياناتچى ما جاۋشۈ سەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا، "بەزى دۆلەتلەردىكى سىياسىيونلار نوبېلدىن پايدىلىنىپ خىتايغا ھۇجۇم قىلماقتا" دېدى. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت