ئامېرىكا: ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىدىن تەيۋەننىڭ ئەندىشە قىلىشى ھاجەتسىز

ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى پەيشەنبە كۈنى تەيۋەن دائىرىلىرىنى ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىدىن خاتىرجەم بولۇشقا چاقىرىپ، تەيۋەنلىكلەردىكى ئەندىشىنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.10.22

ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى ۋاكالەتخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋىللىئام ستانتون ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ "تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى"غا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ستانتون پرېزىدېنت ئوبامانىڭ 11 - ئايدا ئېلىپ بارىدىغان خىتاي زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، "بۇ يەردە بولۇپمۇ تەيۋەننىڭ ئەندىشە قىلىشى ھاجەتسىز" دېگەن.
 
ستانتون ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ سۆھبىتىدە تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىدىن شۇبھىلەنمەيدىغانلىقىنى، لېكىن پىلاندىكى مەسىلىلەر تەيۋەن بوغۇزى بىلەن چەكلەنمەيدىغان رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "ئوباما ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمىدى... شۇنداقلا مەن بۇ مەسىلىدە تاسادىپى يېڭىلىقلار بولىدۇ، دەپ قارىمايمەن."

نۆۋەتتە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتى پرېزىدېنت ئوبامانىڭ 11 - ئايدا ئېلىپ بارىدىغان خىتاي سەپىرىگە تىكىلگەن بولۇپ، تەيۋەن، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە ئوخشاشلا ئوبامانىڭ زىيارىتىنى ئۆزلىرىنىڭ كېلەچەك نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم زىيارەت، دەپ قاراۋاتقان تەرەپلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئامېرىكا 1979 - يىلى تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسۋىتىنى ئۈزۈپ، خىتاينى تونىغان بولسىمۇ، لېكىن "تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى" ماقۇللاپ، تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. تەيۋەن مەسىلىسى ھەر قېتىمقى ئامېرىكا - خىتاي باشلىقلار سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان نىگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.