ئامېرىكا پاكىستانغا مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 110 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردەم بېرىدۇ

ئامېرىكا پاكىستانغا مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 110 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردەم بەرمەكچى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون، ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا ياردەم بېرىدىغان بۇ پىلانىدىكى مەبلەغنىڭ پاكىستان ئارمىيىسى بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدا سۋاتتا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتا مۇساپىر بولغان خەلق ئۈچۈن يېمەك، دورا، چېدىر، رادىئو، دىنام قاتارلىق ئەشيالارنى شۇ رايوندىن سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، بۇ ياردەم مەبلىغىنىڭ ئىچىدىكى 26 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى مەخسۇس بۇغداي ۋە باشقا يېمەكلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-05-20
Share

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، پاكىستانغا ياردەم بېرىدىغان مەبلەغنىڭ ئىچىدىكى يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى چىقىرىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بەش بۈرجەك بىنانىڭ مۇسۇلمان يېمەكلىرى ۋە سۇ توشۇش ئاپتوموبىللىرى ۋە چېدىرلارنى باسقان C - 17 بەلگىلىك ئىككى يۈك توشۇش ئايروپىلانى بۈگۈن پاكىستانغا يېتىپ بارىدۇ.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت