ئامېرىكا قىرغىزىستانغا ھەربىي ياردەم بېرىشكىمۇ تەييار

س ن ن نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، قىرغىزىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ياردەملەرنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى، ھەربىي جەھەتتە ياردەم بېرىشكىمۇ تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-06-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رۇسىيىمۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستانغا بېرىدىغان ياردىمى رۇسىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بولىدۇ دەپ جاكارلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىشكەكتىن خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا بىخەتەرلىك -ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ پەۋقۇلئاددە ۋەكىلى بۈگۈن بېشكەكتە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، قىرغىزىستان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە قىرغىزىستان خەلقنىڭ تىنچلىق ۋە دېموكراتىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللىدى.

FBIS خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى بۈگۈن، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن ئېتنىك قىرغىنچىلىقنى قاچاقتىكى سابىق پرېزىدېنت باقىيېف پەيدا قىلدى دەپ ئەيىبلىدى ۋە تۇنجى قېتىم سەپەرۋەر قىلىنغان قوراللىق قىسىملاردىن ئۈچ يۈز كىشىلىك بىر باتالىيوننى ئوشقا ئەۋەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت