ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى ئامېرىكا ئىقتىسادىنى جانلاندۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى پائۇل رايىن چارشەنبە كۈنى ئاخشام جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا رەسمىي نامزاتلىقنى قوبۇل قىلدى.

2012.08.30

ئۇ، تۈنۈگۈن قىلغان سۆزىدە، پرېزىدېنت نامزاتى مىت رامنىي ئەگەر پرېزىدېنت بولغان ۋە ئۆزى مۇئاۋىن پرېزىدېنت بولغان تەقدىردە، ئامېرىكا ئىقتىسادىنى جانلاندۇرىدىغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ چىقىمىنى ئازايتىپ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى خۇسۇسىي كارخانىچىلارنى يۆلەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.

پائۇل رايىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ۋىسكانسىن شتاتىدىن ئەزا بولۇپ كىرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 42 ياشتا. ئۇ پرېزىدېنت نامزاتى مىت رامنىي تەرىپىدىن مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەندىن بۇيان كەڭ ئامېرىكا جامائەتچىلىكىگە تونۇلدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا تۈنۈگۈن سۆز قىلغانلارنىڭ ئىچىدە يەنە سابىق بوز ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن كاندالىزا رايىس خانىممۇ بار. ئۇ ئاخشامقى سۆزىدە «ئەگەر جۇمھۇرىيەتچىلەر11-ئايدىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىقسا، ئامېرىكا قايتىدىن دۇنيانىڭ لىدىرى بولىدۇ» دېدى. كاندالىزا رايىس خانىم ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قىممەتلىرىگە ئىگە چىقالمايۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ «سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىنى قىرىۋاتىدۇ، رۇسىيە ۋە خىتاي خەلقئارانىڭ تەدبىر ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتسىمۇ، ئامېرىكا ھازىرغىچە بۇنىڭغا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى» دېدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئېيتىشىچە، سايلامدىن ئاۋۋال ئېلىپ بېرىلغان بىر قىسىم راي سىناشلاردىن، پرېزىدېنت نامزاتى مىت رومنېي ۋە باراك ئوبامانىڭ ئويىنىڭ بىر-بىرىگە ئىنتايىن يېقىنلىشىپ قالغانلىقى مەلۇم. جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ فلورىدا شتاتىدا ئېچىلىۋاتقان قۇرۇلتىيى پەيشەنبە كۈنى ئاخشام پرېزىدېنت نامزاتى مىت رومنىينىڭ نۇتقى بىلەن ئاياغلاشماقچى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.