ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى شىمالىي كورىيىنىڭ راكېتا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، پالاتا ئەزاسى جون كەرري، شىمالىي كورىيىنىڭ مەزكۇر قىلمىشنى باشقىلارنىڭ چىشىغا تېگىدۇ، دەپ كۆرسەتتى ۋە شىمالىي كورىيىنى يادروسىزلاندۇرۇش سۆھبىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان 6 دۆلەت شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ قىلمىشىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جون كەرري يەنە: " شىمالىي كورىيە رەھبەرلىرى شۇنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەككى، ئۇلار ھەقىقى بىخەتەرلىككە ئاممىۋى قىرغۇچى قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىسىدىن ۋاز كەچكەندىلا ئېرىشەلەيدۇ" دېدى.
دۆلەت مەجلىس ئەزاسى خوۋارد بېرمان، شىمالىي كورىيە ئېلىپ بارغان راكېتا سىنىقىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ 1718 - نومۇرلۇق قانۇن لايىھىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكى، شۇڭا بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورىيىگە قارىتا كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جەنۇبى كورىيىمۇ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن شىمالىي كورىيىنىڭ راكېتا سىنىقىغا قارىتا كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە دائىرىلىرى مۇشۇ جۈمە كۈنى ئوز ئالدىغا قارار ئالىدىكەن.