ئامېرىكا دائىرىلىرى شىمالىي كورىيىگە قارىتىلغان كۆزىتىشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى مايك مۇللېن شىمالى كورىيىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرىنى "قۇتراتقۇلۇق" ھەرىكەت دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، ئەگەر شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارسا ئامېرىكىنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان.
شىمالىي كورېيە خېلىدىن بېرى ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شىمالىي كۆرەي دائىرىلىرىنىڭ ئالدىنى ھەپتە بىر ئالاقە سۈنئىي ھەمراھىنى ئوربىتىغا يوللايدىغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبى كورېيە ئەللىرى ئارىسىدا جىددىيچىلىك پەيدا قىلغان ئىدى.
خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىروفۇمى ناكاسونې شىمالىي كورىيىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى ۋە: "ئەگەر شىمالىي كورېيە شۇنداق بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلسا، ھەتتا شىمالىي كورېيە بۇ راكېتا بىلەن يوللانغان سۈنئىي ھەمراھ دەپ تۇرۇۋالغان شارائىتتىمۇ، ئەمما ياپونىيە بۇنى يەنىلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭەشنىڭ قارارلىرىغا زىت دەپ قارايدۇ" دېگەن.