ئامېرىكا سومالى ھۆكۈمىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىدۇ

بىر نەپەر ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىمى ئامېرىكىنىڭ سومالى ھۆكۈمىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىپ، 20 يىللىق دۈشمەنلىشىشكە خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.01.16

ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جوننىي كارسوننىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدىغان سومالى پرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇد بىلەن كۆرۈشكەندە ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى قارارىنى بىلدۈرىدىكەن.

سومالى خەلقى بۇلتۇر 1991-يىلىدىن بۇيان سومالىدا ھۆكۈم سۈرگەن ھەربىي مۇستەبىتلىك تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىپ، دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزگەن ۋە ھەسەن شەيخنى پرېزىدېنت قىلىپ سايلاپ چىققان ئىدى.

ھىلارىي كلىنتون خانىم پەيشەنبە كۈنى ھەسەن شەيخ بىلەن ئۇچرىشىپ دىپلوماتىك ھۆججەتلەرنى ئالماشتۇرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.