ئامېرىكا تەيۋەنگە سېتىپ بېرىلىدىغان قوراللارنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.03.19
2010.03.19
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى دەيۋىد شېر، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا تەيۋەننىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشىغا كېرەكلىك قوراللار بىلەن تەمىنلەش "مەجبۇرىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئادا قىلىدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن.
دەيۋىد شېر، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتىدا ئىسپات بېرىپ، "خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بىرلىشىش توغرىسىدىكى بېسىم ۋە تەھدىتكە تاقابىل تۇرالايدىغان ئەمىلى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن خاتىرجەم بولۇشى كېرەك" دېگەن. تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ، بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن قورال - ياراق سېتىۋېلىشنى تېزلىتىپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە F_16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى مايكېل شىفىر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ھەربىي ھازىرلىقىنىڭ نىشانى مەركەزلىك تەيۋەن بوغۇزىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەربىي توقۇنۇشقا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئامېرىكا يېقىندا تەيۋەنگە 4.6 مىليارد دوللارلىق قورال - ياراق سېتىپ بېرىشنى ماقۇللاپ، خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى قورال - ياراق سودىسىنى باھانە قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقىنى توڭلاتقان.