ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ

ئامېرىكىنىڭ يېڭى دىپلوماتىيە مىنىستىرى خىللارىي كلىنتون يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئامېرىكا ‏ - تەيۋەن دىپلوماتىيىسى ھەققىدە يوللىغان مەكتۇبىدا، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق بىر جۇڭگونى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئامېرىكا، خىتاي، تەيۋەن ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى ساقلاشتەك دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تەيۋەننىڭ خەلقئارادىكى ھەرىكەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش تىرىشچانلىقىنى قوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمكارلىق دىپلوماتىيىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-01-27
Share

خىللارىي خانىم تەيۋەننىڭ خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتىدا كۆزەتكۈچىلىك ئورنىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى قوللايدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىگە ماس كېلىدۇ دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە، ئوبامانىڭ تەيۋەن سىياسىتىنىڭ، تەيۋەن بىلەن خىتاينىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ مەسىلىنى ئۆز ئالدىغا ھەل قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىللارىي كلىنتون خانىم ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى قەسەم ئىچىپ، ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى رەسمىي باشلىغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تۇراقلاشقاندىلا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىدىن نەپ ئالالايدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە تەيۋەن مەسىلىسى نېگىزلىك مەسىلە بولغاچقا، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭمۇ تەيۋەن سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت