ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەيۋەن مەسىلىسىدە يېڭى قارار ماقۇللىدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تۈنۈگۈن 'ئامېرىكا تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى' نىڭ 30 يىللىقى خاتىرىلەپ يېڭى قارار ماقۇللىدى. مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ قارارىدا، ئامېرىكا تەيۋەننىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىنى قوللاشتا ھەرگىز تەۋرەنمەيدىغانلىقى ۋە ئامېرىكا - تەيۋەن مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-03-25
Share

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تەرەپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرىلىكىنىڭ باياناتچىسى ماچاۋشۈ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، 'ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئاز سانلىق كىشىلەر جۇڭگونىڭ قارشىلىقىغا پىسەنت قىلماستىن، يەنە بۇنداق قارار ماقۇللىغانلىقىغا بىز قاتتىق نارازى بولدۇق، بىز بۇ ھەقتە ئامېرىكا بىلەن دەرھال سۆزلىشىمىز' دەپ جاكارلىدى.

بۇنىڭغا قارىتا تەيۋەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش باشقارمىسى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ پارتىيىنىڭ ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ قارارىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت