ئامېرىكا تىبەت مەسىلىسىگە ئالاھىدە كېلىشتۈرگۈچى بەلگىلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم، تىبەت ۋە خىتاي ۋەكىللىرى ئارىسىدىكى سۆھبەتكە ئالاھىدە كېلىشتۈرگۈچى خادىم بەلگىلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009-10-02
Share

قارارغا ئاساسەن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى مارىيا ئوتتېرو تىبەت - خىتاي مەسىلىلىرى ئالاھىدە كېلىشتۈرگۈچىسى قىلىپ بەلگىلەندى. بۇ قارارنىڭ ئېلان قىلىنىشى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى 1 - ئۆكتەبىرگە توغرا كەلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئوتتېرو خانىمنىڭ ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى تىبەت مەسىلىسىگە ئالاقىدار سىياسەت ۋە پائالىيەتلەرنى پىلانلايدىغانلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باياناتتا يەنە، ئوتتېرو خانىمنىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى دىئالوگلارنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرلىكتە، تىبەت خەلقىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنمۇ كۈچ چىقىرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
 
خىتاي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. تېخى ئالدىنقى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوبامانىڭ مۇھىم باش مەسلىھەتچىلىرى دارامسالاغا بېرىپ دالاي لامانى زىيارەت قىلغان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغىمۇ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

دالاي لاما كېلەر ھەپتە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولىدۇ. ئۇ بۇ زىيارىتىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەنمۇ ئۇچرىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت