ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ پىكىرىنى ئالدى
يىغىننى كېڭەش پالاتاسىنىڭ قانۇن كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا كېڭەش پالاتاسىنىڭ 60 - 70 نەپەر ئىدارە خادىمى قاتناشقان.
يىغىندا ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى، ئامېرىكا كرىشتتايىن & ياڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەل، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف قاتناشقان.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ رادىكالىزىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە دائىر مەسىلىلەر نىگىزلىك مۇزاكىرە قىلىنغان.
يىغىندا رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتى ش. تۈركىستاننى ئىگىلىگەن 1949 - يىلدىن بېرى يولغا قويغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردا ياراتقان تەسىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ تېررورچىلىقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت، دىنىي، كىشىلىك ھوقۇق، ئىجتىمائىي، مائارىپ، ئۇيغۇر تىلى، تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىق بارلىق ساھەلەردە باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرگەن.
نۇرى تۈركەل، شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ رادىكالىزىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رادىكالىزىم بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستانغا بېرىپ قېلىشىدىكى مەجبۇرىي سەۋەبى، ئۇلارنىڭ گۈەنتانامودا يېتىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى، دۆلەتلەر نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى ئېلىشقا تەمشىلەلمىدى دېگەن مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرگەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف، مەزكۇر يىغىن توغرىسىدا توختىلىپ،"بۇ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭلا ئەمەس، كېڭەش پالاتاسىنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى، دەپ قارايمىز" دەپ كۆرسەتتى.