خىتاي، «تىنچ ئوكيان ئامېرىكا بىلەن خىتايغا يېتىپ ئاشقىدەك چوڭ» دېدى

خىتاينىڭ فىلىپپىندىكى ئەلچىسى ما كېچىڭ كېلەر ئاي ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى پالاۋان ۋە لۇزۇن ئاراللىرىدا ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي مانېۋىرىغا قارىتا كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ، «بىر دۆلەتنىڭ يەنە بىر دۆلەت بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىسى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-03-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

لېكىن خىتاي رايوندىكى ئىختىلاپلارنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش تەرەپدارى بولۇپ كەلگەن ئىدى» دېگەن.

فىلىپپىن بىلەن خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە زىددىيەتلىشىپ كېلىۋاتقان ئىككى دۆلەت. بولۇپمۇ، ئالدىنقى يىلى خىتاي پاراخوتلىرى فىلىپپىنلىق بېلىقچىلارنى ئوققا تۇتۇپ، فىلىپپىننىڭ نېفىت تەكشۈرۈش پاراخوتىنى كاردىن چىقاردىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىك تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن ئىدى. مەزكۇر ۋەقەلەردىن كېيىن، فىلىپپىن ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇشقا باشلىغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ما كېچىڭ بۇ ھەقتە توختالغاندا ناھايىتى دىپلوماتىك بىر تىل بىلەن «تىنچ ئوكيان-ئامېرىكا بىلەن خىتاينى سىغدۇرۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدە چوڭ. بىز ئامېرىكىنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن كۆپرەك ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

گەرچە ما كېچىڭ سۆزىدە، «خىتاينىڭ كۈنسايىن ئۆرلەۋاتقان ھەربىي راسخوتىدىن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەنسىرىشى ھاجەتسىز» دەپ ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە مۇشتۇمزورلۇق قىلىشى ۋە ھەتتا بەزى دېڭىز رايونلىرىدا نېفىت قىدىرىشى ئەتراپتىكى ۋيېتنام، فىلىپپىن، مالايشىيا ۋە برۇنى قاتارلىق دۆلەتلەرنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت