خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىغا ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق ھەربىي لاۋازىمەت يەتكۈزۈش تەلىپىنى رەت قىلدى
لېكىن ئامېرىكىنىڭ تەلىپى خىتاي تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. ۋىكىلىكس تورى ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر دىپلوماتىك ھۆججىتىنى ئاشكارىلىدى.
ۋىكىلىكس ئاشكارىلىغان ھۆججەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بېيجىڭدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىغا يوليورۇق بېرىپ، خىتايدىن ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ۋە ئا ئو ئە ت قىسىملىرىغا ھەربىي لاۋازىمەت يەتكۈزۈشكە يول بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا بۇيرۇغان.
ئامېرىكا ھەربىي لاۋازىماتلىرىنى خىتاي دېڭىز پورتىغا چۈشۈرۈپ، بۇ يەردىن تۆمۈريول ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىغا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا يوللانغان مەزكۇر يوليورۇققا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇ يولدا پەقەت يېمەك-ئىچمەك، چېدىر قاتارلىق ئەشيالارنىڭ توشۇلىدىغانلىقى، ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ بۇ يولدىن ماڭمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئۇنىڭدا بۇ يولنىڭ پاكىستان ئارقىلىق ھەربىي ئەشيا توشۇشقا قارىغاندا كۆپ قۇلاي ھەم بىخەتەر ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. لېكىن خىتاينىڭ قانداق سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «بىزنىڭ باشقىلاردىن ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قىسىملىرى ۋە ئا ئو ئە ت دىكى ئىتتىپاقداش قىسىملىرىغا ھەربىي لاۋازىمەت يەتكۈزىدىغان ئۆتەر يول تەلەپ قىلىشىمىز مەخپىيەتلىك ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.