ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى خىتاينىڭ نارازىلىقىغا جاۋاب قايتۇردى

خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى چېن بىڭدې ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى. مانېۋىر شەنبە كۈنى ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە تەرىپىدىن جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنىڭ برۇنىي تەۋەلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.07.11

خىتاي باش قوماندان بۇ سۆزلىرىنى مايك مۇللەن بىلەن دۆشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات يىغىنىدا بايان قىلغان. چېن بىڭدې سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى مەسىلىسىگە ئارىلىشىش نىيىتى يوقلۇقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەنلىكىنى، ئەمما بۇ مانېۋىرنىڭ دېيىلگەنلەرنىڭ ئەكسىچە سىگنال بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

چېن بىڭدى يەنە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېگەن«ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى چېگرا بويلىرىمىزدىن 16 دېڭىز مىلى ئۇزاقلىقتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؛ بۇ تولىمۇ قىسقا بىر مۇساپە.

بىز ئامېرىكىلىق دوستلىرىمىزنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلىشىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» مايك مۇللەن خىتاينىڭ بۇ نارازىلىقىغا جاۋابەن «ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچۇشلار، بۇ مەشغۇلاتلار ۋە مانېۋىرلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇندۇر» دېگەن ۋە بۇ تۈر مەشغۇلاتلارنىڭ يەنە داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.