ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ئىختىلابىدا ئامېرىكا يەڭدى

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ھەمدە خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش قىممىتى ھەققىدە قايتا توقۇنۇش يۈز بەرمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.01.27

دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا سودا تەشكىلاتى ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئۈستىدىن ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ھەققىدە قىلغان ئەرزى ھەققىدە ھۆكۈم ئېلان قىلىپ،خىتاينىڭ ئامېرىكىغا تۆلەم بېرىشى كېرەكلىكىنى بېكىتتى.

بۇ ئامېرىكىغا نىسبەتەن بىر زور غەلىبە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئامېرىكا شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان كىنو، د ۋ د، س د پلاستىنكىلىرى، كىتاب ۋە كومپيوتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەقلىي مۈلۈكلەرنىڭ خىتايدا قانۇنسىز نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى بىلەن ئامېرىكا ھەر يىلى تەخمىنەن ئۈچ مىليارد يەتتە يۈز مىليون دوللار ئەتراپىدا زىيانغا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن تەخىرسىز ھالەتكە كەلگەن.

ئامېرىكا 2007 ‏ - يىلى خىتاينىڭ ئامېرىكا ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى قانۇنسىز نەشر قىلىپ تارقىتىۋاتقانلىقى ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنۇپ، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت سۈپىتى بىلەن ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش بۇرچىنى ئادا قىلمايۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلغان ئىدى.

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ھۆكۈمى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تارتقان زىيانلىرىنى خىتايدىن تۆلىتىۋېلىشى ئاسانلىشىدۇ.

خىتاي تەرەپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر ھۆكۈمىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ تىيەنجىن ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى گۇاڭنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە، " گەرچە خىتاي 1980 - يىلىدىن باشلاپ دۇنيا ئەقلىي مۈلۈك پاتېنت ھوقۇقى تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان بولسىمۇ، 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تەدبىرىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە ھەرىكىتى ئىنتايىن ئاستا بولماقتا. خىتاي بۇ ھەقتە قانۇن تۈزۈشنى كۈچەيتىشى، خىتايدا ئەقلىي مۈلۈكنى قوغداشنى قانۇنىي تەرتىپكە كىرگۈزۈشى زۆرۈر."


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.