ئامېرىكا : خىتاينىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش مەسىلىسىدىكى رېئاكسىيىسى ئارتۇقچە

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش مەسىلىسى ۋە ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش پىلانى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە ئامېرىكىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.02.02

خىتاي تەرەپ، "ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى خەلقئارا ھەم رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما بۇ مۇناسىۋەت ساقلانغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچراۋاتىدۇ، بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى پۈتۈنلەي ئامېرىكا تەرەپتە" دېگەن.

خىتاي باياناتچى يەنە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىغىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ يېقىنقى بىر دوكلاتىدىكى خىتايغا ئائىت سۆزلەرگىمۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ ھېچبىر تەرەپكە تەھدىت ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي دائىرىلىرىدىن بىرى بۈگۈن تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى رېئاكسىيىسىنىڭ ئارتۇقچە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، قورال سېتىپ بېرىشنىڭ ئامېرىكا - خىتاي دىپلوماتىيىسىدىكى ۋەدىلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى رېئاكسىيىسىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ئىجابىي ۋە كۇچ قاتقۇچى ئاتموسفىرا پەيدا قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.