كۇرت كەمپېلل: ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە نېگىزلىك قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى كۇرت كەمپېلل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئىستىراتېگىيىلىك مەنپەئەتى ۋە نېگىزلىك قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-03-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كۇرت كەمپېلل يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن "ئىجابىي، ئومۇمى يۈزلۈك ۋە ھەمكارلىق خاراكتېرلىك مۇناسىۋەت" ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تەڭشەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

كەمپېلل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ چارشەنبە كۈنكى يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا كىشىلىك ھوقۇق، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە خىتاي ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارە بولۇشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە يەنىلا ئىختىلاپ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "بىز (خىتايغا) يەنە شۇ بىشارەتنى بېرىمىز، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك مەنپەئەتى ۋە نېگىزلىك قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنىغا ئاساسەن تەيۋەنگە بىر قىسىم قوراللارنى سېتىپ بېرىشكە قوشۇلدى. پرېزىدېنت ئوباما تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن ئۇچراشتى. بىز يەنە تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون ئوتتۇرىغا قويغان تور ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئەمىلىلەشتۈرۈشكە تىرىشىمىز".

كەمپلل بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ستېينبېرگ خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە تەكىتلىگەن بولۇپ، كەمپېلل دۆلەت مەجلىسىدىكى سۆزىدە ستېينبېرگنىڭ خىتاي دائىرىلىرىغا "ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئاشكارە ئېيتىدىغانلىقى"نى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت