ئامېرىكا پارلامىنت باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىم بۈگۈن بېيجىڭدا نامايىشچىلارنى كۆردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.05.27
2009.05.27
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، نامايىشچىلار نەنسى پېلوسى خانىمنى، ئاۋازىنى يەتكىچە كۆتۈرۈپ شۇئار توۋلاپ، بەزىلىرى يىغا - زارە قىلىپ تۇرۇپ قارشى ئالغان ئىدى. ئۇلار قىزىل خەت يېزىپ تەييارلىغان پىلاكاتلىرى ئارقىلىق نەنسى خانىمنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۈشمەنلىرىگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى چوقۇم ئىپادىلەشكە چاقىردى.
'ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كەلدى' دەپ ئاتالغان ئامېرىكا پارلامىنت باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن ئامېرىكا پارلامىنتى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتقان بۇ خەلقنىڭ ئاۋازىنى ۋە كۆتۈرگەن پىلاكاتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆدى.
ئۇلار 'نەنسى خانىم بىز سىزنى سۆيىمىز'، 'سىز ھەرگىز ئۇلار بىلەن بىللە چىرىكلىشىپ كەتمەڭ'، 'كىشىلىك ھوقوققا كۆڭۈل بۆلۈڭ' دەپ يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋالغان ئىدى. گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن 51 ياشلىق چېن فامىلىلىك بىر كىشى نەنسى خانىم كىرىدىغان زالنى بارمىقى بىلەن كۆرسىتىپ 'بۇ ساختا تەشۋىقات قىلىدىغان جاي' دەپ توۋلىدى.
نەنسى خانىم خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان ئەرباب ئىدى. ئۇ بۇ قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى خەلققە يېقىنلاشتۇرمىغان ئىدى. بۇ قېتىم ئۇ خىتاينىڭ مەشھۇر يىغىن زالىغا كىرىش ئالدىدا ھامان خەلقنى كۆردى ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى.
مۇشۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە، رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بەن بىلەنچارد، كىرىس بۇكلى قاتارلىق يازغۇچىلىرى نەق مەيداندا، خىتاي ساقچىلىرى نامايىشچىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىنى تۇتۇپ ئاپتوموبىلغا سېلىپ ئېلىپ كەتكەنگە قەدەر كۆزىتىپ تۇرغان.