ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق دېتال شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى

ئامېرىكىنىڭ بىر يۇمشاق دېتال شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى 'تېخنىكا ئوغرىلىدى' دەپ ئەيىبلەپ سوتقا ئەرز سۇنۇپ، خىتايدىن 2 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم تەلەپ قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.01.06

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى سايبېرسىتتېر Cybercitter يۇمشاق دېتال شىركىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتنى توسۇش ئۈچۈن ئىشلىگۈزگەن 'يېشىل توسما' دېگەن يۇمشاق دېتال مەسىلىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋە 7 خىتاي شىركىتىنى تېخنىكا ئوغرىلىدى دەپ سوتقا ئەيىبنامە يوللىدى. بۇ ئەرز تۈنۈگۈن لوس ئانجىلىس شەھىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسدە ئەنگە ئېلىندى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايدا ھۆكۈمەت تەشەببۇس قىلىۋاتقان، ئەمما تور ئەھلى قاتتىق قارشى تۇرغان 'يېشىل سۈزگۈچ' دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ يۇمشاق دېتال، ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق دېتال شىركىتى تەرىپىدىن ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆسمۈرلەرنى نازارەت قىلىشتا قوللىنىشى ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئۇچۇر سۈزگۈچ يۇمشاق دېتالدىكى سىپىرلاشتۇرۇلغان شەرتلىك بەلگىلەردىن 3 مىڭ قۇردىن ئارتۇق ھەل قىلغۇچ شەرتلىك بەلگە، خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ، ئۆز پېتىچە يۆتكەپ قوللىنىپ ئىشلەنگەن. بۇنداق قىلىمىش ئامېرىكىدا باشقىلارنىڭ تېخنىكا ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغان جىنايى قىلىمىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.