ئامېرىكا - خىتاي يىللىق ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتساد سۆھبىتى دۈشەنبە كۈنى باشلىنىدۇ

ئامېرىكا - خىتاي يىللىق ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتساد سۆھبىتى دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا باشلىنىدۇ. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىم 200 كىشىلىك ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە بۇ سۆھبەتكە قاتنىشىدىغان بولۇپ، سۆھبەتتە ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتكە دائىر نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-05-20
Share

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتساد سۆھبىتىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورىيە مەسىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە يەنە پۇلنىڭ قىممىتى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئىرانغا ئىمبارگو قويۇش مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر كۈن تەرتىپكە كېلىدىكەن.

سۆھبەتتە، خىتاي تەرەپنىڭ تەيۋەن ۋە تىبەت مەسىلىلىرىنى، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ خىتاينىڭ دېڭىز چېگرىسىغا يېقىنلىشىشىغا ئوخشاش خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

بۇ قېتىملىق ئامېرىكا - خىتاي يىللىق سۆھبىتى ئىككى كۈن داۋام قىلىدىكەن. سۆھبەتكە خىتاي تەرەپتىن خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ چىشەن، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى دەي بىڭگو قاتارلىقلار قاتنىشىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت