ئامېرىكا - خىتاي ھەمكارلىشىپ دۇنيا پۇل - مۇئامىلە بازىرىنى تىنجىتىشكە كېلىشتى

پەيشەنبە كۈنى باشلانغان خىتاي - ئامېرىكا 5 ‏ - نۆۋەتلىك سىتراتىگىيىلىك ئىقتىساد سۆھبىتى جۈمە كۈنى ئاخىرلاشتى. سۆھبەتتە خىتاي بىلەن ئامېرىكا 20 مىليارد دوللار ئاجرىتىپ، دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى داۋالغۇشنى تىنجىتىشكە ۋەدە قىلىشقان شۇنداقلا يېقىن ئارىدا يەنە بىر نۆۋەتلىك خىتاي - ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئىقتىساد سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە كېلىشكەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.12.05

20 مىليارد دوللارنىڭ قەرز پۇل ئېلىشتا قىينىلىۋاتقان ھەر قايسى دۆلەت ئىمپورت كارخانىلىرىغا ياردەم قىلىنىدىغانلىقى مەلۇم، لېكىن يېقىن ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئىقتىساد سۆھبىتىنىڭ پرېزىدېنت بۇش دەۋرىدە ياكى ئوباما ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەسكەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون جۈمە كۈنى بېيجىڭدا بايانات ئېلان قىلىپ، سۆھبەتنىڭ كرىزىس ئىچىدىكى مەۋجۈت خەلقئارا " مالىيە سېستىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، مەبلەغنى قوغداش" مەسىلىسىنى مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. يەر شارى پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى ھەر قايسى دۆلەت ئىمپورت كارخانىلىرىنىڭ قەرز پۇل ئېلىش مەسىلىسىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن بولۇپ، بۇ ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىدى.

پائۇلسون، قەرز پۇلغا ئېھتىياج بولغان ئىمپورت شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتاي ئىمپورت ‏ - ئېكسپورت بانكىلىرىدىن قەرز ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 20 مىليارد دوللارنىڭ 12 مىليارد دوللىرىنى ئامېرىكا، 8 مىليارد دوللىرىنى خىتاي چىقىرىدىغان بولغان.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە خىتاي تەرەپ ئامېرىكىدىن خىتاينىڭ ئامېرىكىغا سالغان مەبلىغىنى قوغداشنى، ئامېرىكا بولسا خىتاي خەلق پۇلىنى قىممەتلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تەرەپ پۇل - مۇئامىلە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.