ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش قارارى مۇقىملاشقان

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر نەپەر ئەزاسىنىڭ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئاشاكارىلىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش مەسىلىسىدە ئۆتكەن ھەپتە مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ۋە قورال سېتىپ بېرىش قارارى مۇقىملاشقان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.01.26

ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە رەسمىي بايانات بېرىشتىن ئاۋۋال، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالاقىدار كومىتېتلىرى بىلەن تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجى ھەققىدە پىكىرلەشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، سېتىپ بېرىلىدىغان قوراللار ئارىسىدا UH - 60 تىپلىق "قارا قارچۇغا" دەپ ئاتىلىدىغان تىك ئۇچار، "ۋەتەنپەرۋەر" ناملىق ئىلغار تىپتىكى باشقۇرىلىدىغان بومبا ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسىغا ئائىت ئىلغار ئۈسكۈنىلەر بار. قارارنى ئاشكارىلىغان كىشى، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش قارارىنىڭ پات يېقىندا رەسمىي ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئەمما ئېنىق كۈنىنى ئېيتمىغان.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇ ھەقتە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ئىشىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ۋە جىددىيىتىنى تونۇشقا چاقىرغان ھەم يەنە قورال سېتىپ بېرىشنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش قارارىنى "خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى چوڭ بىر سىناق" دەپ قاراشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.