ئاقساراي: بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ئىككى قىرغاق سىياسىتىدە ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ، دەپ جاكارلىدى
شۇنداقلا، ئۇ سۆزىدە، تەيۋەن مەسىلىسى ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى پارتلاش خارەكترلىق مەسىلە، پرېزىدېنت ئوباما خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، ئامېرىكا، خىتاي، تەيۋەندىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ مۇناسىۋىتى يەنىلا 'ئۈچ ئاخبارات' ۋە 'ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى قانۇنى' دا بەلگىلەنگەن، ئاللىقاچان سىناقتىن ئۆتكەن رامكىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا ئەمدى خىتاي بىلەن سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان ھەربىي مۇناسىۋەت ئورنۇتۇشنى ۋە خىتاينىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.