ئامېرىكا خىتاينىڭ ئاۋىئاماتكا ياساش تىرىشچانلىقلىرىدىن قورقۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىغا ئاۋىئاماتكا سەپلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاينىڭ مەزكۇر تىرىشچانلىقلىرىغا دىققەت قىلىدىغانلىقى، ئەمما بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-03-09
Share

رويتېرستا نەقىل قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ۋيېتنامدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى، تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ئادمىرال روبېرت ۋىللارد، ئاۋىئاماتكا ياساپ چىقىشنىڭ " يۇقىرى نىسبەتتە ھەر تۈرلۈك بىلىم، ۋاقىت ۋە بۇرچ" تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە " بۇنى ياساپ چىقماق ئۇلار ئويلىغاندىن كۆپ قىيىن" دېگەن.

ئادمىرال ۋىللارد مۇخبىرلارغا يەنە خىتاينىڭ ئاۋىئاماتكا ياساش قىزغىنلىقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: " بىز بۇنىڭغا قىزىقىمىز، ئەمما پەقەت تەشۋىشلەنمەيمىز" دېدى.

ئادمىرال ۋىللارد يەنە، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ خىتاي تەرەپنىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتىكى چۈشىنىشنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت