خېللارىي كلىنتون خانىم خىتاي بىلەن ھەربىي دىئالوگ ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خېللارىي كلىنتون خانىم بۈگۈن، خىتاي بىلەن ھەربىي دىئالوگ ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ نيۇيوركتىن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال ساتقانلىقى ئۈچۈن بۇلتۇر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي دىئالوگ توختاپ قالغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-02-14
Share

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلا مىنىستىرى خېللارىي كلىنتون خانىم بۈگۈن ئاسىيا سودا - تىجارەت ساھەسىدىكى ئەربابلار بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۆزىنىڭ ھازىر ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى پۇرسەتلەر ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر بۇيىچە يېڭى سەھىپە ئېچىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە 'مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرا دەرىجىلىك ھەربىي دىئالوگ ئېلىپ بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقا تەييارمىز' دېدى.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت