ئامېرىكا دىپلوماتلىرى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئارازچىلىقنى ئوڭشاش ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ باردى

ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش قارارى ۋە ئوبامانىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىشى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئارازچىلىق پەيدا قىلغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي خانىمنىڭ خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى تەنقىد قىلىشى ۋە گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتىنىڭ خىتايدىن چېكىنىشنى ئېلان قىلىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئارازچىلىقنى كەسكىنلەشتۈرگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.03.02

يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بېرىقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپتىن قەدەملەر بېسىلماقتا. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ شەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە مۇناسىۋەتنى تېزراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشىدا مەسئۇلىيەتنىڭ ئامېرىكا تەرەپتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۈگۈن ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى James Steinberg ۋە پېشقەدەم ئاقساراي مەسلىھەتچىسى Jeffrey Bader مەسىلىلەرنى يۈز تۇرانە سۆزلىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ بارغان.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ مەقسىتى بۇ قېتىم ئىرانغا يېڭىدىن جازا قوللىنىش مەسىلىسىدە خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشتۇر. بىراق بۈگۈن ئەتىگەن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى، ئىران مەسىلىسىدە يېڭىدىن جازا قوللىنىشقا بالدۇر ئىكەنلىكىنى، دىپلوماتىيە يولى ئۈچۈن يەنىلا بوشلۇق بارلىقىنى تەكىتلىگەن. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.