ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى قولغا ئېلىنغانلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، دۆلەت مەجلىسى تام لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېيمىس مىكگاۋىرېن تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتى ۋە ئۆلۈم - يىتىم ۋەقەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-07-07
Share

جېيمىس مىكگاۋىرېن ئەپەندى باياناتتا مۇنداق دېگەن": ئەگەر خەۋەرلەردە ئېيتىلغانلار توغرا بولسا، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلىپ بارغان ئەڭ زور قىرغىنچىلىقى بولۇپ قالىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتىنى يۇمشىتىدىغان بارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشى، جۈملىدىن خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنى قوللانغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە نامايىشچىلارنى خالىغانچە قولغا ئېلىش ۋە تۇتقۇن قىلىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك."

مىكگاۋېرىن يەنە، خىتاي دائىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى نامايىشچىلارغا قورال ئىشلىتىش مەسىلىسى ئۈستىدىن مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشنى تەلەپ قىلىپ، جۈملىدىن " گۈاڭدۇڭدىكى لۈكچەكلەرنىڭ ئۇيغۇر ئويۇنچۇق زاۋۇتى ئىشچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى" ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغىمۇ يول قويۇشى كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.

شۇ كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن بىلل دېلېيخۇنت بىلەن دانا روراباكېرلار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى نامايىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئەيىبلىدى. ئاۋام پالاتا ئەزالىرى باياناتتا ئامېرىكا ھۆكۆمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باستۇرۇشنى قاتتىق ئەيىبلىشىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنى ئۈرۈمچىدە قايتا ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇلار باياناتتا مۇنداق دېگەن": ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا قارشى ئورنىدىن تۇرىدىغان ۋاقتى كەلدى.... بىز ئەمگەك مەسىلىلىرىدە زاۋۇت ئىشچىلىرىغا ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوق ئاتقان بىر ھاكىمىيەت بىلەن 'نورمال سودا'مۇناسىۋىتىدە بولماسلىقىمىز كېرەك."


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت