ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى گۈئەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەت باشلىدى

گۈئەنتانامودىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ گۈئەنتانامونى تاقىشىغا ياردەمدە بولۇشنى خالايدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بەزى دۆلەتلەر دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىپ، ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.03.16

گۈئەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى ياۋروپا ئەللىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى سۆھبەت 2 كۈن داۋام قىلىشى مۇمكىن.

لېكىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان دۆلەتلەر بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى سوئاللارنى ئوتتۇرىغا بولۇپ، ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى تۇتقۇنلارغا ئائىت يېتەرلىك مەلۇمات بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن. بەزى دۆلەتلەر سۆھبەت باشلىنىشنىڭ ئالدىدا تۇتقۇنلارغا ئائىت يېتەرلىك مەلۇماتقا ئېرىشمەي تۇرۇپ، ئۇلارنى قوبۇل قىلىشقا ۋەدە بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىسپانىيىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا "ھەپتىلىك خەۋەرلەر" ژورنىلىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن ": بىز كونكرېت دېلولار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك". نۆۋەتتە تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان ياكى ئويلىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دۆلەتلەر ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، ئىتالىيە، فرانسىيە، بېلگىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ دۆلەتلەر تۇتقۇنلارنىڭ ھازىرغا قەدەر قويۇپ بېرىلمەي تۇتۇپ تۇرۇلۇش سەۋەبى، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن دۆلىتىگە قايتسا بولمايدىغانلىقى، ئەگەر بۇ كىشىلەر گۇناھسىز بولسا ئامېرىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي تۇتقۇنلارنىڭ كۆچمەنلىك سالاھىيىتى، ئامېرىكىنىڭ شەرتى، تۇتقۇنلارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىك مەسىلىسى قاتارلىقلاردا قانائەت ھاسىل قىلىشى كېرەك ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.