ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى يازلىق باغ سەيلىسى قىلدى

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ئۆتكەن يىلى 26 - ئىيۇن كۈنى، گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدە ۋە 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەشنى مەزمۇن قىلغان پائالىيەت سۈپىتىدە 26 - ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى ۋودبرىج رايونىدىكى لېسىلۋانىيا باغچىسىدا دالا - سەيلىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-06-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەزكۇر پائالىيەتكە پايتەخت ئەتراپىدىكى شىتاتلار ۋە نېۋجېرسى قاتارلىق باشقا شىتاتلاردىن كەلگەن كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئائىلىلىرى قاتنىشىپ، ئۆز - ئارا ئۇچراشتى. پائالىيەتنىڭ باشلىنىشى سۈپىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، 26 - ئىيۇن ۋە 5 - ئىيۇل ۋەقەلىرىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى باغ سەيلىسى پائالىيىتىدە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان يېمەكلەر ھەم بىر قىسىم ئائىلىلەر ئېلىپ كەلگەن تارماقلارغا ئېغىز تېگىلدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ باغ سەيلىسى قىلىشى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنە بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنلىرى يىلدىن - يىلغا موللاشماقتا. مەزكۇر جەمئىيەتلەر يەنە 5 - ئىيۇل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشنىمۇ ئېلان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت