ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون قاتارلىق رايونلار داۋاملىق قار ئاپىتىگە ئۇچرىماقتا

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان ۋىرگىنىيە، مارىلاند. غەربىي ۋىرگىنىيە، قاتارلىق بىرنەچچە شىتاتىدا قاتتىق قار يېغىۋاتقان بولۇپ، ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى ئەتراپىدىكى مەكتەپلەر ۋە بىر قىسىم ئىدارە - جەمئىيەتلەر نورمال ئوقۇش ۋە خىزمەتنى توختاتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-02-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھاۋارايى ئىدارىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، سەيشەنبىدىن چارشەنبىگىچە ياققان قار، بەزى رايونلاردا 50 سانتىمېتىرغا يەتكەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ياققان شىۋىرغانلىق قارنىڭ قېلىنلىقى قىسمەن جايلاردا 90 سانتىمېتىرغا يەتكەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان شىمالىي يېرىم شاردىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئېغىر دەرىجىدىكى قار ئاپىتىگە يولۇققان بولۇپ، تېخى ئۆتكەن ئايدىلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئالتاي، چۆچەك، ئىلى رايونلىرى 60 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر قار ئاپىتىگە ئۇچراپ زور ئىقتىسادىي زىيان بولغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت