ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى

28 - نويابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى ۋىرجىنىيە، مارىيلاند ۋە باشقا شىتاتلاردىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار فائىرفاكىس شەھىرىدىكى ئامېرىكا - تۈركىيە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ بىناسىغا جەم بولۇپ، قۇربان ھېيت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2009.11.29

بۇ پائالىيەتكە ساھىبخانلىق قىلغان ئورۇنلار ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتى بىلەن خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بولۇپ، پائالىيەتكە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئۆيلىرىدە تەييارلاپ كەلگەن تۈرلۈك يېمەكلىكلىرىنى، ئېلىپ كېلىپ، ئېغىز تېگىشتى ۋە بىر - بىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەشتى.

بۇ يىلقى قۇربان ھېيتى، 5 - ئىيۇل ۋەقەسى بولۇپ تەخمىنەن 4 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەنگە توغرا كەلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە كەلگەن ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېلېفون ۋە ئىنتەرنەت ئالاقىلىرىنى ئۈزۈۋېتىشى تۈپەيلىدىن بۇ يىل ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنىدىكى ئاتا - ئانىلىرى ۋە ئۇرۇغ - تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەش مۇمكىنچىلىكىدىن مەھرۇم قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقى ۋە غەزەپلەنگەنلىكىنى ئىپادە قىلىشتى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتى مەزگىلىدە ئۆزارا ھېيتلاش ۋە ئۆزارا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.